ھاياتىڭدا شۇنداق بىرسى بولۇشى كېرەك
ئەزگىن كىلىچ
گۈلناز تۇرسۇن ئىبرەت تەرجىمىسى
ئىنساننىڭ ھاياتىدا «سەن ماڭا ھۇزۇر بېغىشلايسەن...» دېيەلەيدىغان بىرسى بولۇشى كېرەك...
بەزىدە يىراقلارغا كەتكۈڭ كېلىدۇ، مانا مۇشۇنداق چاغلاردا شەپقىتىدىن پاناھ ئىزدەيدىغان كىشىڭ بولۇشى لازىم. دۇنيانىڭ پۈتۈن دەردىنى، قايغۇلىرىنى بىر قۇچاقلاش بىلەن ئۇنتۇلدۇرالايدىغان بىرسى بولۇشى كېرەك. ھېچنېمىنى ئويلىماي، قورقماي، ئەندىشىمۇ قىلماي ئۆزىنى تاپشۇرالايدىغان بىرسى...
شۇنداق بىرسى بولۇشى كېرەككى، ئەڭ ئېغىر كۈنلىرىڭدىمۇ سېنى ئارام تاپقۇزىدىغان، نېمىنى ئۇنتۇماقچى بولساڭ شۇنى كاللاڭدىن چىقىرىۋېتەلەيدىغان بىرسى... ئىنساننىڭ ھاياتىدا، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن چۈشەندۈرۈشنىڭ ئورنىغا قىسقىلا قىلىپ «ھوزۇرۇم» دېيەلەيدىغان بىرسى بولۇشى كېرەك...
ئىنساننىڭ ھاياتىدا، «سەن بىلەن قېرىسام دەيمەن...» دەيدىغان بىرسى بولۇشى كېرەك...
ئۆمرىنى سەن بىلەن بەھىرلەنمەكچى بولغان بىرسىدىنمۇ بەكرەك توغرا كىشى نەدە دەيسەن؟
ئۇنىڭ بىلەن ياشىغانسېرى ياشىرىشىڭ، ئۆمرۈڭ ئۇزىرىشى لازىم... بالىلىرىڭ، يەنە تېخى نۇرغۇن نەۋرىلىرىڭ بولۇشى كېرەك... شۇنداق بىرسى بولۇشى كېرەككى، ئۇ سېنىڭ ئۆمرۈڭ بولۇشى، كۆزلىرىنىڭ ئىچىگە قارىغىنىڭدا، «ھاياتىم» دېيەلىشىڭ ۋە دېيەلىشى كېرەك...
يۆتەلسەڭ بىر ئىستاكان سۇ ئۇزىتىدىغان، ئاغرىپ قالساڭ بېشىڭدا تاڭ ئاتقۇزىدىغان، يالغۇزلۇقىڭدا مۈرىلىرىدە ئۇخلىتىدىغان بىرسى بولۇشى كېرەك ھاياتىڭدا.
ھاياتىڭدا شۇنداق بىرسى بولۇشى كېرەككى، بەزىدە ئانىغا، بەزىدە ئاتىغا ئوخشىشى كېرەك...
سەۋەبسىز، شەرتسىز سۆيەلەيدىغان بىرسى...
خۇددى سېنىڭ ئۇنى سۆيگىنىڭدەك سېنى سۆيىدىغان بىرسى...